Mahmut Sulayman ga - Mattohti Sattar
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Mattohti Sattar
作曲 : Mattohti Sattar
编曲 : Mattohti Sattar
ئەلۋىدا سىردىشىم مەخمۇت سۇلايمان
كۆز يۇمدۇڭ مەڭگۈگە سەن تۇرۇپ ياپ ياش .
زار يىغلاپ قايغۇرۇپ ئېزىلدى باغرىم .
جۇدالىق دەردىگە بېرەلمەي بەرداش ،
سەنئەتنىڭ سېپىدە باشلامچى .
سالاپەت تاجىسى لايىقتۇر ساڭا .
ئەل سۆيگەن تەكرارسىز بىر چولپان ئىدىڭ .
شۇ ئېسىل سىمايىڭ ھەمراھ تۇرماڭا .
ئىزلىرىڭ كۆمۈلمەس زاماندىن زامان .
سەن ئېيتقان ناخشىلار ھەر جايدا ياڭرار .
ئەۋلادلار قەلبىدە ياشايسەن مەڭگۈ .
جىسمىڭنى كۆرمىسىمۇ رەھىمسىز تۇپراق .
بىباھا قىممەتلىك تەۋەرۇك مىراس .
سەن بىزگە قالدۇرغان ئىجادىي كۈيلەر
شەرەپلىك نامىڭغا ئالىي ئېھتىرام .
قەبرىڭدە ئېچىلسۇن رەڭمۇ رەڭ گۈللەر
展开