suyiman - elijangupur
能正常播放的歌曲才可以下载
作曲 : elijangupur
سۆيىمەن
ئەسقەر قۇربان ئىقبال
مەن سېنى سۆيىمەن،
شام كەبى كۆيىمەن.
كۆزلىرىم يولۇڭدا،
تەلمۈرۈپ كۈتىمەن.
مەن سېنى سېغىندىم،
سېنىڭسىز يىغلىدىم .
ئامرىقىم قىينىما،
ئازاپقا كۆنمىدىم .
مەن سېنى كۈتىمەن،
ساڭىلا كۆيىمەن.
ھالىمنى سوراپ قوي،
سەن قاچان كېلىسەن؟
مەن سېنى سۆيىمەن،
ئىشقىڭدا يانىمەن.
گەرباسسام باغرىمغا،
ۋەسلىڭگە قانىمەن.
展开