Yenimda kal - Xokrat-Ahmat
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Xokrat-Ahmat
چاچلىرىڭنى ئوينار شامال
يۈرىكىمنى قىلىپ قامال،
ئۆتۈنىمەن سەندىن نىگار،
يېنىمدا قال،يېنىمدا قال.
ئاسمىنىمدا يېگانە ئاي،
ساڭا كۆيدۈم قانداق قىلاي،
يۈرىكىڭدە چاقناپ تۇراي،
يېنىمدا قال،يېنىمدا قال.
سۆيگۈم گۈلىنى سۇندۇرۇپ،
يۈرىكىمنى مۇجۇپ-مۇجۇپ،
كۆزلىرىمدىن كەتمە ئۇچۇپ،
يېنىمدا قال،يېنىمدا قال.
قال يېنىمدا كەتمە يىراق،
قىينىمىسۇن بىزنى پىراق
تۈنلىرىمدە بولغىن چىراق
يېنىمدا قال ، يېنىمدا قال
ۋىسالىڭغا قانسۇن يۈرەك
يېنىمدا قال يېنىمدا قال
ماڭا پەقەت سەنلا كېرەك
يېنىمدا قال يېنىمدا قال
展开