Yarim - Omar-Dawut
能正常播放的歌曲才可以下载
作词 : Anwar Yasin
作曲 : Eziz Mamat
ناخشىدا:ئۇمەر داۋۇت&ئەيسا مۇسا
تىكسى:ئەنۋەر ياسىن
مۇزىكىسى:ئىېزىز مەمەت
ئاكوتلاشتۇرغۇچى ئىلى ناۋا
يايرىم
مەھەللەڭگە بارغۇچە
يول بويىدا تېرەكلىك
ئەجەب بىلمىدىڭ يارىم
مەن ساڭىلا كۆيەكلىك
ئېتىز بېشىدا تۇرغاي
سايرايدۇ سەھەرلەردە
ئىزدەپ كەلسەم چىقمايسەن
سەن يۈردۈڭ قەيەرلەردە
ئۈزۈك ئالدىم بازىرىدىن
يار قولۇڭغا سالاي دەپ
مېنى كەل دېسەڭ يارىم
كۈن پاتقاندا باراي دەپ
كونا شەدىن يانغىچە
ئارام ئالدىم ئۆتەڭدە
قاراپ قۇيمىدىڭ يارىم
ئاغرىپ قالسام دەردىڭدە
چۇڭ ئۆستەڭنىڭ ئاستىدا
شىلدىر شىلدىر سۈزۈك سۇ
ھالىم سورىساڭ يارىم
كۈيۈپ قالغىنىم سەن شۇ
بېغىڭدىكى ئاق ئالما
كۈز كەلمەستىن پىشىپتۇ
قانداق قىلىمەن يايرىم
كۆڭلۈم ساڭا چۈشۈپتۇ
ئۆيۈڭنىڭ كەينىدە يايلاق
مەن باقىمەن قويۇمنى
ماڭا ئېيتقىنە يايرىم
بىلىپ باقاي ئۆيۈڭنى
展开